زاخاروۋا ئىسرائىلىيە باش ئەلچىسىنىڭ سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى

موسكۋا رۇسىيە پۇقرالىرىنى غەززەدىن چېكىندۈرۈش ئۈچۈن ئىككى ھەپتە ۋاقىت كېرەكلىكىنى ئېيتقان ئىسرائىلىيەنىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بېن تزۋىنىڭ سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

2062632
زاخاروۋا ئىسرائىلىيە باش ئەلچىسىنىڭ سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا ئىسرائىلىيەنىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «تۈنۈگۈن ئىسرائىلىيەنىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدۇق. ئۇنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، تارقاقلاشتۇرۇشقا تېگىشلىك رۇسىيە پۇقرالىرىنىڭ تىزىملىكىنى تەييارلاشقا ئىككى ھەپتە ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ لوگىكىنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر