پاكىستاندا بىر نېفىت ۋە تەبىئىي گاز شىركىتىگە قىلىنغان ھۇجۇمدا ئىككى ساقچى قازا قىلدى

پاكىستاننىڭ خەيبەر پاختونخۋا ئۆلكىسىدە بىر نېفىت ۋە تەبىئىي گاز شىركىتىگە قىلىنغان ھۇجۇمدا، ئىككى ساقچى قازا قىلدى.

2061687
پاكىستاندا بىر نېفىت ۋە تەبىئىي گاز شىركىتىگە قىلىنغان ھۇجۇمدا ئىككى ساقچى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «Geo News» تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خەيبەر پاختونخۋا ئۆلكىسىنىڭ دېرا ئىسمائىل خان رايونىدا، كىملىكى نامەلۇم قوراللىق كىشىلەر نېفىت ۋە تەبىئىي گاز شىركىتىگە ھۇجۇم قىلغان.

ھۇجۇمدا ئىككى ساقچى قازا قىلىپ، ئۈچ ساقچى يارىلانغان.

ئالاقىدار تارماقلار، قازا قىلغان ۋە يارىلانغان ساقچىلارنىڭ شىركەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل خادىملار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، قوراللىقلارنى تۇتۇش ھەرىكىتىنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچقانداق شەخس ياكى تەشكىلات ئۆز ئۈستىگە ئالمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر