غەززە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى غەززە رايونىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

غەززە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيەنىڭ كۆچۈشكە زورلىشى ۋە ۋەھشىيلەرچە بېسىم ئاستىغا ئېلىشىغا پېسەنت قىلماستىن، ھازىرمۇ شىمالىي غەززە رايونلىرىدا تەخمىنەن 900 مىڭ كىشىنىڭ ياشاۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2061695
غەززە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى غەززە رايونىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززە ھۆكۈمىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئىياد ئەل بەزم مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بىر ئايدىن بۇيانقى ئىسرائىلىيەنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇملىرىغا دۇچار بولۇۋاتقان مۇھاسىرە ئاستىدىكى غەززە رايونىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

باياناتچى ئىياد ئەل بەزم ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمى سەۋەبىدىن غەززەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقانلىقى تەرەپكە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ: «غەززە ۋە شىمالىي غەززە رايونىدا ئىچىدىغان ​​سۇ يوق، بۇ ۋەجىدىن كىشىلەر مەينەت سۇ ئىچىشكە مەجبۇر بولماقتا» دېدى.

ئىياد ئەل بەزم بۇ رايونلاردا ئىسرائىلىيە ناۋايخانىلارنى سىستېمىلىق ھۇجۇم نىشانى قىلغان بولغاچقا، ناۋايخانىلارنىڭمۇ خىزمەتتىن توختىغانلىقىنى بىلدۈردى.

غەززە ۋە شىمالىي غەززەدىكى پاناھلانغۇچىلار مەركەزلىرىدە تۇرۇۋاتقان كىشىلەرنىڭمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، تەخمىنەن 900 مىڭ كىشىنىڭ بۇ يەردە ياشاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ھاماسنىڭ قوراللىق قانىتى ئىزددىن قاسسام بىرىگادالىرى 7-ئۆكتەبىر (2023) ئەتىگەندە «ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ مۇقەددەس جايلىرى ۋە قىممەت قاراشلىرىغا، بولۇپمۇ مەسجىدى ئەقساغا قىلغان ھۇجۇملىرى ۋە قانۇنسىزلىقلىرىغا  جاۋابەن» كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغان ئىدى. ئىسرائىلىيە قىسىملىرىمۇ غەززە رايونىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، ۋەھشىيلەرچە بومباردىمان قىلىشنى باشلىغان ئىدى.

كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان تۇقۇنۇشلاردا، ھەر ئىككى تەرەپتىن مىڭلىغان كىشى قازا قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر