يېراپېترىتىس: تۈركىيە بىلەن بولغان مەسىلىلەرنى «ئۈنۈملۈك بىر دىيالوگ» ئارقىلىق ھەل قىلىشنى خالايمىز

گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گىئورگوس يېراپېترىتىس تۈركىيە بىلەن بولغان مەسىلىلەرنى «ئۈنۈملۈك بىر دىيالوگ» ئارقىلىق ھەل قىلىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

2060637
يېراپېترىتىس: تۈركىيە بىلەن بولغان مەسىلىلەرنى «ئۈنۈملۈك بىر دىيالوگ» ئارقىلىق ھەل قىلىشنى خالايمىز

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گىئورگوس يېراپېترىتىس گىرېتسىيەدە چىقىدىغان «To Vima» گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا، گىرېتسىيەنىڭ تۈركىيە قاتارلىق بارلىق قوشنا دۆلەتلەر بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتلەرنى ساقلاپ قېلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.  

گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يېراپېترىتىس: «بىز تۈركىيە بىلەن ئۈنۈملۈك دىيالوگ ئورنىتىشنى خالايمىز. ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان كېلىشىملەرگە يۆنىلىدىغان بىر دىيالوگنىڭ ئاساسى بار. پۇقرالارنى قوغداش، كۆچمەنلەر سىياسىتى ۋە ساياھەت قاتارلىق مەسىلىلەر ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىجابىي كېلىشىم ھاسىل قىلىنىدىغان ساھەلەر ھېسابلىنىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر