ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 425 مىليون دوللارلىق يېڭى ياردەم پىلانىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇكرائىناغا 425 مىليون دوللارلىق يېڭى ياردەم پىلانىنى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلدى.

2060359
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 425 مىليون دوللارلىق يېڭى ياردەم پىلانىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: بەشبۇرجەكلىك بىنانىڭ يازما باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئۇكرائىناغا ئامېرىكانىڭ ھەربىي ئامبىرىدىن 125 مىليون دوللارلىق ھەربىي ئەسلىھەلەرنى يۆتكەپ بېرىشتىن باشقا يەنە، ئۇكرائىنا بىخەتەرلىك تەشەببۇسى (USAI) دائىرىسىدە، 300 مىليون دوللارلىق ھەربىي ياردەم بېرىدىكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېن يازما باياناتىدا، ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىنانى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلەپ، «رۇسىيە ئۇكرائىنادىن چېكىنىپ چىققانغا قەدەر ھەمدە رەھىمسىز ھۇجۇملىرىنى توختاتقانغا قەدەر ئامېرىكا ۋە 50 دىن ئارتۇق ئىتتىپاقداشلىرى ئۇكرائىنانىڭ يېنىدا بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى.

بىللىنكېن ئۇكرائىنانىڭ ئۆزىنى قوغدىشىغا ۋە كەلگۈسىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشىغا ياردەم بېرىشنىڭ ئامېرىكانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەنپەئەتىگە ماس كېلىدىغانلىقىنى، ئامېرىكا پارلامېنتى بىلەن بۇ يۆنىلىشتە بىرلىكتە خىزمەت قىلىشنى  داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر