ئەلقاسسام بىرىگادالىرى ئىسرائىلىيەنىڭ زىكىم ھەربىي بازىسىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ھاماسنىڭ قوراللىق قانىتى ئىززددىن ئەلقاسسام بىرىگادالىرى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدىكى پەلەستىن پۇقرالىرىغا قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقىغا جاۋابەن زىكىم ھەربىي بازىسىنى راكېتا بىلەن بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2057181
ئەلقاسسام بىرىگادالىرى ئىسرائىلىيەنىڭ زىكىم ھەربىي بازىسىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئەلقاسسام بىرىگادالىرى ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا: «زىئونىستلارنىڭ پۇقرالارنى قىرغىن قىلىشىغا جاۋابەن زىكىم ھەربىي بازىسى راكېتا بىلەن بومباردىمان قىلىندى» دېيىلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ قامال قىلىنغان غەززە رايونىدىكى كۈچلۈك ھۇجۇمى سەۋەبىدىن، رايوندىكى مۇقىم تېلېفون، يانفون ۋە تور ئالاقە مۇلازىمەتلىرى پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ھاۋا ھۇجۇمىنى كۈچەيكەنلىكىنى ۋە قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىنىمۇ كېڭەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

غەززەدە مىڭلىغان يارىدار ۋە پۇقرالار بار بولۇپ، ئەڭ چوڭ سەھىيە مۇئەسسىسەسى بولغان شىفا دوختۇرخانىسىمۇ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ھۇجۇم نىشان قىلىندى.

ھاماسنىڭ قوراللىق قانىتى ئىززىددىن ئەلقاسسام بىرىگادىسى 7-ئۆكتەبىر ئەتىگەندە ئىسرائىلىيەگە «ئاقسا تۇفانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلىغان ۋە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىمۇ نەچچە ئونلىغان ئۇرۇش ئايروپىلانى بىلەن غەززە رايونىغا ھۇجۇم باشلىغان ئىدى.

غەززەدىن ئەلقاسسام بىرىگادالىرى ئېلىپ بارغان ھۇجۇملاردا 310 ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنى  قوشقاندا جەمئىي 1400 ئىسرائىلىيەلىك ئۆلگەن ۋە 5132 ئىسرائىلىيەلىك يارىلانغان ئىدى.

غەززەدىكى پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلار سانىنىڭ 7 مىڭ 326 گە يەتكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئىچىدە 3038 كىچىكك بالا، 1726 ئايال، 414 ياشانغان كىشى بولۇپ، جەمئىي 18 مىڭ 967 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا ئىسرائىلىيە قىسىملىرى ۋە يەھۇدىي كەلكۈندىلىرىنىڭ ھۇجۇمىدا 111 پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، 1900 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنىڭ يارىلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر