ئامېرىكانىڭ تەنەفتىكى ھەربىي بازىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى شىئە قوراللىق كۈچلىرى سۈرىيەنىڭ تەنەف رايونىدىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىغا ئىككى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدى.

2057097
ئامېرىكانىڭ تەنەفتىكى ھەربىي بازىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋاندىكى ھىزبۇللاھ ھەرىكىتى تېلېگرامما سۇپىسىدىكى ئادرېسىدا، ئامېرىكانىڭ سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى بازىسىغا قىلىنغان ھۇجۇم ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ: «ئىراقتىكى ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش فىرونتىنىڭ  ئىككى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن سۈرىيەنىڭ تەنەف رايونىدىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى»نى ئۇقتۇردى.

ھىزبۇللاھ 8 – ئۆكتەبىر  ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ ھاماسقا قىلغان ھۇجۇمىدا «بىتەرەپ» تۇرمايدىغانلىقىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ پەلەستىنلىك گۇرۇپپىلارنى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

ئارقىدىن، ھىزبۇللاھ بىلەن ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدا لىۋاننىڭ جەنۇبىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنىدى.

بۇ ئۆزگىرىشلەر بىلەن بىرلا ۋاقىتتا، ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ئىراق شىئە قوراللىقلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ھىزبۇللاھ ۋە ھاماس تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئەگەر ئامېرىكا ئۇرۇشقا ئارىلاشسا، ئامېرىكانىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى ئورۇنلىرىغا زەربە بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئالدىنقى كۈنىدىكى باياناتىدا، 17- ئۆكتەبىردىن 26- ئۆكتەبىرگىچە بولغان جەرياندا، ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ۋە بىرلەشمە قىسىملارنىڭ جەمئىي 16 قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى قەيت قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر