ھىزبۇللاھ رەھبىرى ھاماس ۋە ئىسلامىي جىھاد ھەرىكىتىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى

ھىزبۇللاھ باش كاتىپى ھەسەن نەسرۇللاھ 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان تۇنجى قېتىم ھاماس ۋە ئىسلامىي جىھاد ھەرىكىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

2055649
ھىزبۇللاھ رەھبىرى ھاماس ۋە ئىسلامىي جىھاد ھەرىكىتىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 10-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن باشلاپ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بىلەن توقۇنۇشۇۋاتقان لىۋاندىكى ھىزبۇللانىڭ باش كاتىپى ھەسەن نەسرۇللاھ پەلەستىن ئىسلامىي جىھاد ھەرىكىتىنىڭ باش كاتىپى زىياد ئەننەھھالە ۋە ھاماس سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سالىھ ئەلئارۇرى بىلەن كۆرۈشتى.

ھىزبۇللانىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Telegram سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئۈچ تەرەپلىك ئۇچرىشىشتا، ھاماسنىڭ ئىسرائىلىيەگە قارشى قوزغىغان «ئەقسا توپانى» ھۇجۇمى ۋە لىۋان – ئىسرائىلىيە چېگراسىدىكى توقۇنۇشلار ھەمدە غەززەدىكى يېقىنقى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېيىلدى:

«ئۇچرىشىشتا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ۋە پەلەستىنگە قارىتا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ۋەھشىيلەرچە ھۇجۇملىرىنى توسۇش ئۈچۈن، بۇ سەزگۈر باسقۇچتا ھەقىقىي غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قارشىلىق كۆرسىتىش سېپىنىڭ نېمە قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. رەھبەرلەر ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىش، ماس قەدەمدە ھەرىكەت قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.»

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان قاسسام بىرىگادىلىرى 7-ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەگە قارشى «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغانىدى. غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە مىڭلىغان راكېتامىيوت ئېتىلغان، قوراللىق گۇرۇپپىلارمۇ رايوندىكى ئولتۇراق رايونلارغا كىرگەنىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بولسا، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززە شەھىرىگە «تۆمۈر قىلىچ ھەرىكىتى» قوزغىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئىسرائىلىيە – لىۋان چېگراسىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بىلەن ھىزبۇللاھ ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار 8-ئۆكتەبىردىن بۇيان ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر