ئىسرائىلىيە: غەززەگە قۇرۇقلۇق ھۇجۇمى ئايلارچە داۋاملىشىشى مۇمكىن

ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوئاۋ گالانت «غەززەگە قارشى قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى» نىڭ ئايلارچە داۋاملىشىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

2054520
ئىسرائىلىيە: غەززەگە قۇرۇقلۇق ھۇجۇمى ئايلارچە داۋاملىشىشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەنىڭ «Yediot Ahronot» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوئاۋ گالانت غەززە چېگراسىغا يېقىن جايدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئىسرائىلىيە ھاۋا ئارمىيەسى ھەرىكەت قوماندانلىق مەركىزى» يىغىنىدا بۇ سۆزنى قىلغان.

گالانت بۇ يەردە مۇنداق  دېگەن:

«ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنى توسۇپ قالالايدىغان ھېچنەرسە يوق. مانېۋىرنىڭ (ئىسرائىلىيە غەززەدىكى ھۇجۇملىرىغا بەرگەن نام) ھەرىكەت يۆنىلىشى ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق ھەرىكەتلىرىدىن تەشكىل تاپىدۇ. غەززەدىكى قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى چوقۇم ئۇ يەردىكى ئەڭ ئاخىرقى ئۇرۇش بولۇشى كېرەك، چۈنكى بۇ ھەرىكەتتىن كېيىن ھاماس مەۋجۇت بولمايدۇ. بۇ ھەرىكەت بىر ئاي، ئىككى ئاي، ھەتتا ئۈچ ئاي داۋاملىشىشى مۇمكىن، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يەردە ھاماس قالمايدۇ.»

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېلان قىلغان باياناتىدا، كېيىنكى باسقۇچلۇق «ئۇرۇش» (قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى) گە تەييارلىق قىلىش مەقسىتىدە، غەززەدە ئىسرائىلىيە كۈچلىرى دۇچ كەلگۈسى تەھدىتلەرنى ئازايتىش ئۈچۈن ھاۋا ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر