كۈۋەيت غەززەگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن ھاۋا كۆۋرۈكى قۇردى

كۈۋەيت 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىسرائىلىيە توختىماي بومباردىمان قىلىۋاتقان مۇھاسىرە ئاستىدىكى غەززە رايونىغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن ھاۋا كۆۋرۈكى قۇردى.

2054305
كۈۋەيت غەززەگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن ھاۋا كۆۋرۈكى قۇردى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: كۈۋەيت رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «KUNA» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سالىم ئابدۇللاھ ئەلجابىر ئەلساباھ ھاۋا كۆۋرۈكىنىڭ غەززە رايونىدىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن قۇرۇلغانلىقىنى ۋە ياردەم ھەرىكىتىنىڭ بۈگۈن (23-ئۆكتەبىر) باشلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ساباھ تىلغا ئېلىنغان ياردەملەرنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ «قانخورلارچە تاجاۋۇزچىلىقى» نىڭ تەسىرىنى تۆۋەنلىتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

مىنىستىر ساباھ كۈۋەيتنىڭ ھاۋا كۆۋرۈكى دائىرىسىدە 23-ئۆكتەبىر دۈشەنبەدىن باشلاپ، جىددى دورا ۋە داۋالاش بۇيۇملىرى شۇنداقلا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئېلىپ بارىدىغان ئايروپىلانلارنىڭ، مىسىرنىڭ ئەل-ئارىش شەھەرىگە بارىدىغانلىقىنى ۋە ئاندىن ياردەملەرنىڭ غەززەگە يەتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىنىستىر ساباھ ياردەملەرنىڭ مۇشۇ ھەپتە بويىچە ھەر كۈنى ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر