ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرى داۋاملاشماقتا

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرى داۋامىدا جامە ۋە چېركاۋلارمۇ ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

2053458
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Telegram سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىنىڭ شىمالىغا قىلغان ھۇجۇملىرى داۋامىدا، جىبالىيە  رايونىغا جايلاشقان ««ئەلئۆمەرى جامەسى» پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان.

باياناتتا، ھۇجۇمدا  ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ- كۆرۈلمىگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى.

مىنىستىرلىق، ئىسرائىلىيەنىڭ يەنە غەززەدە ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان يۈزلىگەن پەلەستىنلىك پاناھلىنىۋاتقان ئەزىز پورفىرىئۇس رۇم ئورتودوكس چېركاۋىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقىنى، ھۇجۇم نەتىجىسىدە كۆپ ساندا كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

پەلەستىننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «WAFA» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھۇجۇمدا بالىلار ۋە ئاياللارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان سەككىز كىشى قازا قىلغان، ئونلارچە كىشى يارىلانغان، تارىخىي چېركاۋ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان، چېركاۋغا يېقىن بىر بىنامۇ ۋەيران بولغان.

پەلەستىن پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى چېركاۋ ئىشلىرى ئالىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى رەمزى ھۇرى، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونى ئاھالىسىغا قارىتا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» پىلانىنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى تارىخىي ئەزىز پورفىرىئۇس رۇم ئورتودوكس چېركاۋىغا ھۇجۇم قىلىشى ئۇرۇش جىنايىتىدۇر.»

«مۇسۇلمانلار ۋە خىرىستىيانلاردىن تەشكىل تاپقان تەخمىنەن 500 پەلەستىن پۇقراسى پاناھلىنىۋاتقان چېركاۋنىڭ ھۇجۇم نىشانى قىلىنىشى، ئىسرائىلىيە ئىشغالىيىتىنىڭ ئاساسلىق نىشانىنىڭ بالىلار، ئاياللار ۋە ياشانغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاجىز پۇقرالار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.»

پەلەستىن پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى چېركاۋ ئىشلىرى ئالىي كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تارىخىي ئەزىز پورفىرىئۇس رۇم ئورتودوكس چېركاۋى دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمكى ئۈچىنچى چېركاۋ بولۇپ، ئەسلى قۇرۇلۇشى 425-يىللارغا تۇتىشىدىكەن.

قۇددۇس رۇم ئورتودوكس پاترىكخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدا ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان پەلەستىنلىكلەر پاناھلىنىۋاتقان چېركاۋغا قىلغان ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونلىرىنى بومباردىمان قىلىشى نەتىجىسىدە، ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان بالىلار ۋە ئاياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىگۇناھ پۇقرالارنى قوغداش ئۈچۈن بەرپا قىلىنغان پاناھ جايلاردىن سىرت يەنە، چېركاۋلار، چېركاۋلارغا قاراشلىق پاناھ جايلارنىڭ ھۇجۇم نىشانى قىلىنىشىنىڭ نەزەردىن ساقىت قىلىۋېتىشكە بولمايدىغان ئۇرۇش جىنايىتى ھېسابلىنىدىغانلىقى تەكىتلەندى .

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە رايونىدا پۇقرالار تۇرۇۋاتقان ئالتە ئۆينى بومباردىمان قىلدى.

غەززەدىكى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، خان يۇنۇس شەھىرىدە پۇقرالار تۇرۇۋاتقان ئالتە ئۆينىڭ بومباردىمان قىلىنىشى نەتىجىسىدە، توققۇز ئادەم قازا قىلغان، 60 ئادەم يارىلانغان.

پەلەستىننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «WAFA» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھۇجۇم نەتىجىسىدە كۆپىنچىسى بالىلار ۋە ئاياللاردىن تەشكىل تاپقان 21 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 79 كىشى يارىلانغان.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان قاسسام بىرىگادىلىرى 7-ئۆكتەبىر (2023) شەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەگە قارشى «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغانىدى. غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە مىڭلىغان راكېتامىيوت ئېتىلغان، قوراللىق گۇرۇپپىلارمۇ رايوندىكى ئولتۇراق رايونلارغا كىرگەنىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بولسا، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززە شەھىرىگە «تۆمۈر قىلىچ ھەرىكىتى» قوزغىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىر كۈنى باشلانغان ھۇجۇملىرى داۋامىدا 3700 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىك قازا قىلغان، 12 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك يارىلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر