ئىسىرائىلىيە-ھاماس توقۇنۇشى 10-كۈنىگە قەدەم قويدى

غەززەدە ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان قاسسام بىرىگادىلىرى 7-ئۆكتەبىر(2023) سەھەردە ئىسىرائىلىيەگە قارشى «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇمنى باشلىغاندىن كېيىن، پەلەستىنلىك گۇرۇپپىلار بىلەن ئىسىرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار 10-كۈنىگە قەدەم قويدى.

2051399
ئىسىرائىلىيە-ھاماس توقۇنۇشى 10-كۈنىگە قەدەم قويدى
gazze saldiri.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيە قورشاۋ ئاستىدىكى غەززەگە قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىنى تېخىمۇ شىددەتلەندۈردى.

ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسى 2 مىڭ 750 كىشى قېنىدىن ئايرىلغان، 10 مىڭغا يېقىن كىشى يارىلانغان غەززەنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىنى كېچە (15-ئۆكتەبىر) بويىچە  ھاۋادىن بومباردىمان قىلدى.

ئىسىرائىلىيەنىڭ تۈنۈگۈنكى بومباردىمانلىرىدا يەنە سەككىز كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 100 كىشى يارىلاندى. بىنا خارابىلىكلىرىنىڭ ئاستىدا مىڭلارچە كىشىنىڭ بارلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

ئىسىرائىلىيە ئايروپىلانلىرى غەززەنىڭ شەرقىدە سەھىيە خادىملىرىنى نىشان ئوبيېكتى قىلىشى نەتىجىسىدە، بەش سەھىيە خادىمى جېنىدىن ئايرىلدى. غەززەنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان خان يۇنۇس ۋە رەفاھقا قىلىنغان بومباردىمانلاردا 11 پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلدى.

ئىسىرائىلىيە ئايروپىلانلىرى ئاساسلىقى غەززەدىكى تاشيوللارنى بومباردىمان قىلماقتا.

ئىسىرائىلىيە 10 كۈندىن بۇيان يېمەك-ئىچمەك ۋە دورىلار قاتارلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ كىرگۈزۈلۈشىگە رۇخسەت قىلىنمىغان غەززەدە، دوختۇرخانىلار قىيىن ئەھۋالدا.

ب د ت ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرى كوردىناتسىيە ئىشخانىسى، غەززەدىكى بارلىق دوختۇرخانىلارنىڭ يېقىلغۇ زاپىسىنىڭ ئەڭ كۆپ بولغاندا 24 سائەتكىچە يېتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ب د ت نوپۇس فوندى بولسا، غەززەدە 50 مىڭ ھامىلە ئايالنىڭ سەھىيە خىزمەتلىرىدىن مەھرۇم قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ب د ت پەلەستىنلىك مۇساپىرلارغا ياردەم قىلىش ئاگېنتلىقى ئۆزلىرىنىڭ تارمىقىدا بولغان غەززەدىكى مەكتەپ ۋە بىنالاردا ئەڭ ئاز دېگەندە 400 مىڭدىن ئارتۇق يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

غەززەدە قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىگە تەييارلىق قىلىۋاتقان ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسى، غەززەدە خەلقنى رايوننىڭ جەنۇبىغا كۆچۈشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

تېل ئاۋىۋ ھۆكۈمىتى ئېلان قىلىنغان چاقىرق نەتىجىسىدە، 600 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنىڭ غەززەنىڭ جەنۇبىغا ئۆتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى قاسسام  بىرىگادىلىرى 7-ئۆكتەبىردە ئىسرائىلىيەگە «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە مىڭلىغان راكېتامىيوت ئاتقاندىن باشقا يەنە، قوراللىق گۇرۇپپىلار رايوندىكى ئولتۇراق رايونلارغا بېسىپ كىرگەن ئىدى.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرىمۇ ئۇرۇش ئايروپىلانى بىلەن غەززە رايونىغا قارشى «تۆمۈر قىلىچ» ھەرىكىتىنى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان توقۇنۇشلاردا، ھەر ئىككى تەرەپتىن مىڭلىغان كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر