پۇتىن «خىتاي بىلەن رۇسىيە يېڭىدىن ھەربىي ئىتتىپاق قۇردى» دېگەن سۆزلەر ئۈستىدە توختالدى

ۋلادىمىر پۇتىن «خىتاي بىلەن رۇسىيە  يېڭىدىن ھەربىي ئىتتىپاق قۇردى» دېگەن سۆزلەرگە جاۋاب بېرىپ، «بىز بۇنى كۆپ قېتىم ئېيتتۇق، بىز ئۇ خىل ھەربىي ۋە سىياسىي ئىتتىپاق ئىچىدە بىرلەشمەيمىز» دېدى.

2051131
پۇتىن «خىتاي بىلەن رۇسىيە يېڭىدىن ھەربىي ئىتتىپاق قۇردى» دېگەن سۆزلەر ئۈستىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن رۇسىيە دۆلەت قانىلىغا بايانات بەردى.

ئۇ ئۇكرائىنانىڭ قايتۇرما ھۇجۇمى ھەققىدە توختىلىپ: «ئۇكرائىنانىڭ ئىزىدا توختاپ قالغان قايتۇرما ھۇجۇملىرى پۈتۈنلەي مەغلۇب بولدى» دېدى.

ئۇ رۇسىيە ھەربىي قىسىملىرىنىڭ ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىدىكى ئورۇنلىرىنى ياخشىلىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ: «رۇسىيە بىلەن خىتاي يېڭىدىن ھەربىي ئىتتىپاق قۇردى» دېگەن سۆزلەر ئۈستىدە توختىلىپ: «بىز بۇنى كۆپ قېتىم ئېيتتۇق، بىز ئۇ خىل ھەربىي ۋە سىياسىي ئىتتىپاق ئىچىدە بىرلەشمەيمىز. بۇنى ئامېرىكالىقلار قىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەتتا ئىتتىپاقداشلىرىنى رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ناچارلاشتۇرۇشقا قىستاۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ ئامېرىكا پارلامېنتىدا يادرو توقۇنۇشىنى تاللاشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ، رۇسىيە ھەمدە خىتاي بىلەن تەڭ بىرلا ۋاقىتتا ئۇرۇش قىلىشقا تەييارلىق قىلىش تەكلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى ئۈستىدىمۇ توختالدى.

ئۇ: «ئەگەر رۇسىيە بىلەن ئۇرۇشماقچى بولسا، بۇ پۈتۈنلەي باشقىچە ئۇرۇش بولىدۇ. ئەگەر بىز ئاساسلىق يادرو كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش ئۈستىدە توختالساق، بۇ پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان بىر ھېكايە بولىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر