رۇسىيە ئەزەربەيجاننىڭ قاراباغدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا ئەزەربەيجاننىڭ قاراباغدا قوزغىغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى توغرىسىدا توختىلىپ: «رۇسىيە تەرەپ ئىزچىل ھالدا توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەرنى قان تۆكۈشنى توختىتىشقا چاقىرماقتا» دېدى.

2039456
رۇسىيە ئەزەربەيجاننىڭ قاراباغدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زاخاروۋا ھەپتىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئەزەربەيجاننىڭ قاراباغدا ئاساسىي قانۇنلۇق قۇرۇلمىنى قايتىدىن ئورنىتىش مەقسىتىدە باشلىغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە باھا بەردى.

موسكۋانىڭ قاراباغ ۋەزىيىتىنىڭ تۇيۇقسىزلا كەسكىنلىشىپ كەتكەنلىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن زاخاروۋا: «رۇسىيە تەرەپ ئىزچىل ھالدا توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەرنى قان تۆكۈشنى توختىتىشقا، دەرھال ھەربىي ھەرىكەتلەرگە خاتىمە بېرىپ، مەسىلىنى سىياسىي ۋە دىپلوماتىك يول بىلەن ھەل قىلىشقا چاقىرىدۇ» دېدى.

قاراباغ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك بارلىق قەدەملەرنىڭ رۇسىيە، ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئۈچ تەرەپ خىتابنامىسىدە يېزىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان زاخاروۋا،  يېقىندىن بۇيان رۇسىيە ۋە خەلقئارا مۇرەسسەچىلەرنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ رايوندىكى رۇسىيە ھەربىي قىسىملىرىنىڭ «تىنچلىق ساقلاش» مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدىغانلىقىنى، بۇ قىسىملارنىڭ قوماندانلىرىنىڭ تەرەپلەر بىلەن ئىزچىل ئالاقىلىشىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر