پۇتىن: ئەرمېنىيە قاراباغنىڭ ئەزەربەيجان زېمىنى ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئەرمېنىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ قاراباغ ئۈستىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

2036275
پۇتىن: ئەرمېنىيە قاراباغنىڭ ئەزەربەيجان زېمىنى ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلدى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پۇتىن ئەرمىنىيەنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئەرمېنىيەنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئىتتىپاقدىشى رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزگەنلىكىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«ئەرمېنىيە ھۆكۈمىتى (2022-يىلى ئۆكتەبىردە) چېخىيەنىڭ پايتەختى پىراگادا ئىمزالىغان ھۆججەت ئارقىلىق 1991-يىلدىكى چېگرا لىنىيەلىرىنى قوبۇل قىلدى. شۇنداقلا قاراباغنى ئەزەربەيجان زېمىنىنىڭ بىر قىسمى دەپ ئېتىراپ قىلدى.»

«ئەرمېنىيە ئەزەربەيجاننىڭ قاراباغ ئۈستىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلغان ئىكەن، قاراباغنىڭ قانۇنىي سالاھيىتى ھەققىدە تالاش - تارتىش قىلىشنىڭ قىلچە ئەھمىيىتىمۇ يوق. دەرۋەقە، قاراباغنىڭ قانۇنىي سالاھىيىتىنى يېرېۋان ئۆزى بەلگىلىدى.»

رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن رۇسىيە بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق مەسىلە يوقلۇقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«بىزنىڭ ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن ھېچقانداق مەسىلىمىز يوق، ئۇنىڭ بىلەن دائىم ئالاقىلىشىپ تۇرۇۋاتىىمىز.»

 

ئىگىلىنىشىچە، يېرېۋان موسكۋانى ھەم ئەرمېنىيەگە ھەمدە تاغلىق قاراباغ رايونىدىكى ئېتنىك مىللەت ئەرمەنلەرگە قارىتا مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماسلىق بىلەن ئەيىبلەيدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر