يېراپېترىتىس: گىرېتسىيە – تۈركىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەۋاتىمىز

گىرېتسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى يورگوس يېراپېترىتىس گىرېتسىيە – تۈركىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

2033075
يېراپېترىتىس: گىرېتسىيە – تۈركىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئەتە تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدىغان گىرېتسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى يورگوس يېراپېترىتىس تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرياكوس مىچوتاكسنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدە ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى پىلانلىنىۋاتقان ئۇچرىشىشىغا مىنىستىر سۈپىتىدە زېمىن ھازىرلىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

يېراپېترىتىس تۈركىيە زىيارىتى ھارپىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرياكوس مىچوتاكسنىڭ لىتۋانىيەنىڭ ۋىلنىيۇس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە بىر يەرگە جەم بولغانلىقىنى، ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەن ئۇچرىشىشتا، ئىككى رەھبەرنىڭ تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيەنى قايتىدىن ياراشتۇرۇشنى قارارلاشتۇرغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«ھەم مەنسەپداشلىرىم بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدە چاقىرىلىدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى دائىرىسىدە، رەھبەرلىرىمىزنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ سىستېمىلىق ھەمكارلىق مۇددىئاسىنى ئىسپاتلايدىغان كېلەر قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا زېمىن ھازىرلاش ئۈچۈن، ھەمدە ئارىدىن  7 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، تۇنجى ئىستراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنىنى دېكابىردا سەلانىكتە چاقىرىش خىزمەتلىرىنى ئىشلەش ئۈچۈن تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر