زاخاروۋا: فىدان بىلەن لاۋروۋ پات يېقىندا كۆرۈشىدۇ

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بىلەن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋنىڭ پات يېقىندا موسكۋادا كۆرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2030025
زاخاروۋا: فىدان بىلەن لاۋروۋ پات يېقىندا كۆرۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى زاخاروۋا رۇسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى — تاسسقا «رۇسىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرى قاتلاملىق سۆھبەتلەر» ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئۇ تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىداننىڭ موسكۋادا زىيارەتتە بولۇشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «رۇسىيە ۋە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى پات يېقىندا موسكۋادا كۆرۈشىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر