خىتاي فىرانسىيەنى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە باشلامچىلىق رولى ئويناپ بېرىشكە چاقىردى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك ئەندىشەسى كۈچەيگەن ۋە «خەتەرنى ئازايتىش» ئۇسۇلى ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان بىر پەيتتە، فىرانسىيەنى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە باشلامچىلىق رولى ئويناپ بېرىشكە چاقىردى.

2026957
خىتاي فىرانسىيەنى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە باشلامچىلىق رولى ئويناپ بېرىشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، مىنىستىر ۋاڭ فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاتېرىن كولوننا بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى يېڭى بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈشنى خالايدىغانلىقلىرىنى ئېيتقان.

خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنى «كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيادا مۇھىم بىر قۇتۇپ» دەپ قارايدىغانلىقىنى ۋە فىرانسىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئاپتونومىيەسىدە چىڭ تۇرۇش ئىدىيەسىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋاڭ، پارىژ دائىرىلىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە «باشلامچىلىق رولى ئويناپ بېرىشى» نى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

فىرانسىيە مىنىستىرى كولوننامۇ خىتاي بىلەن بولغان دوستلۇققا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقلىرىنى، ئۆزلىرىنىڭ نۇرغۇن ساھەلەردە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋە تەڭ پايدا ئېلىش نەتىجىسىنى ئاساس قىلغان ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى  ئەسكەرتكەن.

خىتاي-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىي قىلىپ، خەلقئارانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى فىرانسىيەنىڭمۇ ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن كولوننا، فىرانسىيە بىلەن ياۋروپانىڭ «ئىستراتېگىيەلىك ئاپتونومىيەسىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقى»، «يەر شارىدىكى بىر پۈتۈنلۈكنىڭ بۇزۇلۇشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقى» ۋە «ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى بۇزۇپ، سانائەت ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ قالايمىقانلاشتۇرۇلۇشى» نى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

كولوننا فىرانسىيە بىلەن ياۋروپانىڭ «كۆپ قۇتۇپلۇق، تەڭپۇڭ ۋە تىنچلىقپەرۋەر دۇنيا بەرپا قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر