زېلېنسكىي دونېتسىك رايونىدىكى ئۇكرائىنا قىسىملىرىنى زىيارەت قىلدى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي دونېتسىك رايونىدا ئۇرۇش قىلىۋاتقان ھەربىي قىسىملارنى زىيارەت قىلدى.
2024655
![زېلېنسكىي دونېتسىك رايونىدىكى ئۇكرائىنا قىسىملىرىنى زىيارەت قىلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/e1bc/22de/2bdc/6461e492c1406.jpg?time=1719062109)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت زېلېنسكىي ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىTelegram سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، دونېتسىك رايونىدا ئۇرۇش قىلىۋاتقان ھەربىي قىسىملارنىڭ باش ئىشتابىدا ئەسكەرلەر بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، بەزى ئەسكەرلەرگە مۇكاپات تارقىتىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ ئالدىنقى ئايدىمۇ دونېتسىك رايونىدا ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىنى زىيارەت قىلغانىدى.