ئامېرىكا ئۇكرائىناغا يېڭى ھەربىي ياردەم پىلانىنى جاكارلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇكرائىناغا بېرىدىغان 200 مىليون دوللار قىممىتىدىكى يېڭى ھەربىي ياردەم پىلانىنى بىلدۈردى.

2024695
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا يېڭى ھەربىي ياردەم پىلانىنى جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، ئۇكرائىناغا  200 مىليون دوللار قىممىتىدە ھەربىي ياردەم بېرىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمۇ ئۇكرائىناغا بېرىلىدىغان يېڭى ھەربىي ياردەمنىڭ «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى، مىنا تازىلاش ئۈسكۈنىلىرى، زەمبىرەك ۋە تانكا ئوقلىرى قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان بىرقاتار قورال-ياراغلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلانغان 2022-يىلى 24-فېۋرالدىن بۇيان ئۇكرائىناغا 43 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق ھەربىي ياردەم بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر