رۇسىيەنىڭ داغىستان رايونىدا پارتلاش يۈز بەردى

رۇسىيە فېدېراتسىيەسى قارمىقىدىكى داغىستان ئاپتونوم رايونىدىكى ماي قاچىلاش پونكىتىدا، تۈنۈگۈن (14-ئاۋغۇست) يۈز بەرگەن پارتلاش سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 27 گە يەتتى.

2024692
رۇسىيەنىڭ داغىستان رايونىدا پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: داغىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى سېرگېي مېلىكوۋ بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتىدا، تۈنۈگۈن كەچتە ماھاچقەلئە شەھىرىدىكى ماي قاچىلاش پونكىتىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 27 گە، يارىلانغانلار سانىنىڭ 102 گە يەتكەنلىكىنى، يارىلانغانلارنى داۋالاش خىزمىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

داغىستان تەكشۈرۈش كومىتېتىمۇ پارتلاشنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنىڭ تەكشۈرۈلۈشكە باشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر