رۇسىيەنىڭ  زاپورىژيا شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇمىدا، ئىككى ئادەم قازا قىلدى

ئۇكرائىنا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئىگور كلىمېنكو رۇسىيەنىڭ زاپورىژيا شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇمىدا، ئىككى ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

2022728
رۇسىيەنىڭ  زاپورىژيا شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇمىدا، ئىككى ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كلىمېنكو  ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى تېلېگرام سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، رۇسىيەنىڭ زاپورىژيا شەھىرىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ھۇجۇم نەتىجىسىدە ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىنى، ئوت ئۆچۈرگۈچىلەرنىڭ نەق مەيداندىكى خىزمىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «رۇسىيەنىڭ زاپورىژيا شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇمىدا ئىككى ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى، يەتتە ئادەم يارىلاندى.»

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، رۇسىيەنىڭ «ئۇرۇش جىنايىتى» سادىر قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەسكەرلىرىمىز رۇسىيە تېررورچىلىرىغا تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر