خىتاي تۈركىيەگە ساياھەت گۇرۇپپىسى يوللاشنى قايتىدىن باشلايدىغان بولدى

خىتاي كوۋىد – 19 سۋەبىدىن ساياھەتكە ئالاقىدار يولغا قويۇلغان چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى.

2022847
خىتاي تۈركىيەگە ساياھەت گۇرۇپپىسى يوللاشنى قايتىدىن باشلايدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي گۇرۇپپا ساياھىتىنى  تۈركىيە قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرگە رۇخسەت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

گۇرۇپپا ساياھىتى تەشكىللەشكە بولىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئۈچىنچى تىزىملىكى خىتاي مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىندى.

بۇ تىزىملىككە تۈركىيەدىن باشقا يەنە، ئامېرىكا، گېرمانىيە ۋە جەنۇبىي كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ كىرگۈزۈلدى.

خىتاي ساياھەت ئاگېنتلىقلىرى رۇخسەت قىلىنغان دۆلەتلەرگىلا گۇرۇپپا ساياھىتى تەشكىللىيەلەيدۇ.

خىتاي دائىرىلىرى يانۋار (2023) دىن بۇيان يۇقۇم چەكلىمىسىنى بوشىتىشقا باشلىغان ئىدى.

تۇنجى 20 دۆلەتنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ يىل (2023) مارتتا 40 دۆلەتنىڭ ئىككىنچى تىزىملىكى ئېلان قىلىنغان ئىدى.

جەنۇبىي كورېيەگە گۇرۇپپا ساياھىتى 2016-يىلى سېئۇلنىڭ ئامېرىكادىن سېتىۋالغان ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىغا نارازىلىق سۈپىتىدە چەكلەنگەن بولۇپ،  بۇ قېتىمقى ئۈچىنچى تىزىملىكتە جەنۇبىي كورېيەگىمۇ ساياھەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەشكە رۇخسەت قىلىنغان بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر