ئىراندا ھاۋا بۇلغىنىشى سەۋەبىدىن مەكتەپ ۋە چېنىقىش مەيدانلىرى تاقىۋېتىلدى

ئىراننىڭ رەزەۋى خۇراسان ئۆلكىسىنىڭ مەركىزىي شەھىرى مەشھەدتە ھاۋا بۇلغىنىشى سەۋەبىدىن مەكتەپ ۋە چېنىقىش مەيدانلىرى تاقىۋېتىلدى.

2020967
ئىراندا ھاۋا بۇلغىنىشى سەۋەبىدىن مەكتەپ ۋە چېنىقىش مەيدانلىرى تاقىۋېتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: «ئاسرىران» خەۋەر تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رەزەۋى خۇراسان ئۆلكىسى ۋالىي مەھكىمىسىگە قاراشلىق ھاۋا بۇلغىنىشىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش كومىتېتى ئۆلكىدە ھاۋا بۇلغىنىشىنىڭ كۈچەيگەنلىكىگە قارىتا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، مەشھەد شەھىرىدىكى مەكتەپ ۋە چېنىقىش ئورۇنلىرىنىڭ تاقالغانلىقى، بولۇپمۇ يۈرەك ۋە نەپەس يولى بىمارلىرىنىڭ زۆرۈر بولمىغان ئەھۋالدا سىرتقا چىقماسلىقى كېرەكلىكى، سىرتقا چىقىشقا مەجبۇر بولغانلارنىڭ ماسكا تاقىشى لازىملىقى تەۋسىيە قىلىندى.

رەزەۋى خۇراسان مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى باشلىقى مەھدى ئىلاھىپۇر يېقىنقى ئىككى سائەت ئىچىدە ھاۋا بۇلغىنىشىنىڭ 302 مىكروگىرام/ كۇبمېتىر سەۋىيەسىگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 100 مىكروگىرامدىن يۇقىرى ئاتموسفېرا بۇلغىنىش نىسبىتى «سالامەتلىككە زىيانلىق» بولۇپ، 250 دىن يۇقىرى ئۆلچەم «ئاگاھلاندۇرۇش» سەۋىيەسىنى كۆرسىتىدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن، قۇم-بورىنىمۇ مەشھەدتە خەلق تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتمەكتە.

ئىران رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «IRNA» نىڭ بىلدۈرىشىچە، قۇم-بورىنى سەۋەبىدىن بىر قىسىم پويىز قاتنىشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. سرخىس-مەشھەد تۆمۈر يولى قۇم بورىنى سەۋەبىدىن قاتناشتىن توختىتىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر