ئەنگلىيە دائېشنىڭ يەزىدىلەرگە قىلغان قىزغىنچىلىقىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ قوبۇل قىلدى

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ 2014-يىلى يەزىدىلەرگە قارشى سادىر قىلغان جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2018973
ئەنگلىيە دائېشنىڭ يەزىدىلەرگە قىلغان قىزغىنچىلىقىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئوتتۇرا شەرققە مەسئۇل دۆلەت ئىشلىرى ۋەزىرى لورد ئەھمەد، يەزىدىلەر تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلەرنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ قوبۇل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ۋەقە يۈز بەرگىنىگە توققۇز يىل بولغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، لورد ئەھمەد يەنە مۇنداق دېگەن:

«ئادالەت ۋە جاۋابكارلىق، ھاياتى ۋەيران بولغانلارغا نىسبەتەن بىر ئاچقۇچ. بۈگۈن بىز يەزىدى خەلقىگە قىلىنغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ، تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ئىشنى قىلدۇق. بۇ ئىرادىمىز پەقەت ئۇلارنىڭ تۆلەمگە ۋە ئادالەتكە ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋەدىمىزنى كۈچەيتىدۇ.»

لورد ئەھمەد ئەنگلىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

باياناتتا، گېرمانىيەنىڭ 2014-يىلى 1-ئايدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ قوبۇل قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئەنگلىيەنىڭ ئىراقتا ھايات قالغان يەزىدىلەرگە قارىتىلغان قانۇننىڭ تولۇق ئىجرا قىلىنىشىنى قوللايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا ئۆتكۈزۈلىدىغان خاتىرىلەش مۇراسىمىدا، ئەنگلىيەنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ستىفېن خىتچېننىڭ ئەنگلىيەنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلايدىغانلىقى ئۇقتۇرۈلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى-ب د ت نىڭ دوكلاتىدا، دائېشنىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا مىڭلىغان يەزىدىلەرنى ئۆلتۈرگەنلىكى، يەنە مىڭلىغان كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلغانلىقى ۋە ئۇلارنى قۇل سۈپىتىدە ئىشلەتكەنلىكى ئورۇن ئالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر