شىۋېتسىيە بىلەن دانىيە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قارارلىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

شىۋېتسىيە بىلەن دانىيە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ قۇرئان كەرىمگە قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملار توغرىسىدىكى 18 – نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە يىغىنىنىڭ قارار ۋە تەۋسىيەلىرىگە ئەستايىدىل قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2018629
شىۋېتسىيە بىلەن دانىيە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قارارلىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى توبىياس بىلستروم شىۋېتسىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى SVT غا بايانات بېرىپ: «قارار بىر قاتار تەكلىپ ۋە تەۋسىيەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىز بۇلارنى ئەستايىدىللىق بىلەن تەكشۈرۈپ، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇھىم دىيالوگىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز. ھۆكۈمەت شىۋېتسىيەدىكى نامايىشلاردا شەخسلەر سادىر قىلغان ئىسلام دۈشمەنلىكى ھەرىكەتلىرىدىن يىراق تۇرىدۇ. ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تەرتىپ – ئىنتىزام قانۇنىنى قايتا تەھلىل قىلىش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ» دېدى.

دانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لارس لوككې راسمۇسسېنمۇ تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، دۆلىتىنىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ قارارلىرىنى نەزەرگە ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «بىز ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدىكى قويۇق سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرىمىز. دانىيە يېقىنقى مەزگىللەردىكى قۇرئان كەرىمنىڭ كۆيدۈرۈلۈشى قىلمىشلىرىنى ئەيىبلىدى ۋە پىكىر ئەركىنلىكى دائىرىسىدىكى ئالاھىدە ئەھۋاللارغا ئارىلىشىش مۇمكىنچىلىكى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى بۇ ھەقتە چاقىرىلغان تۈنۈگۈن (31-ئىيۇل) كى پەۋقۇلئاددە يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، شىۋېتسىيە بىلەن دانىيەدىكى قۇرئان كەرىمنىڭ مۇقەددەسلىكىگە قايتا- قايتا قىلىنغان ھۇجۇملارنىڭ قاتتىق ئەيىبلەنگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

باياناتتا، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىغا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ، پىكىر ئەركىنلىكى نامىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ خىل قىلمىشلارنىڭ تەكرارلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى قارار قىلغانلىقى ھەمدە ئەزا دۆلەتلەرنى قۇرئان كەرىم كۆيدۈرۈلگەن دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈپ، تېگىشلىك پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە چاقىرىدىغانلىقى قەيت قىلىنغانىدى.

بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئەزا دۆلەتلەردىن شىۋېتسىيە ۋە دانىيەدىكى باش ئەلچىلىرىنى مەسلىھەتلىشىش مەقسىتىدە قايتۇرۇپ كېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىياسىي قەدەملەرنى تاشلىشى تەلەپ قىلىنغانىدى.

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك تور يىغىنى داۋاملىشىۋاتقان پەيتتە، دانىيە بىلەن شىۋېتسىيەدە قۇرئان كەرىمگە ھۇجۇم قىلىش قىلمىشلىرى سادىر قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر