ئىران خىتايدىن 45 مىليارد دوللار پۇلىنى ئالالمىدى

خىتاي ئامرېكا ئېمبارگولىرىنى باھانە قىلىپ، ئىراننىڭ 45 مىليارد دوللار پۇلىنى قايتۇرمىدى.

2017939
ئىران خىتايدىن 45 مىليارد دوللار پۇلىنى ئالالمىدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئىران سودا ئۇيۇشمىسى ۋەكىللەر كېڭىشى ئەزاسى مەسۇد دانىشمەند ئىراندا نەشر قىلىنىدىغان «ئىتىماد» گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكا يۈرگۈزگەن ئېمبارگولار سەۋەبىدىن ئىراننىڭ چەت ئەللەردىن ئېلىشقا تېگىشلىك پۇللىرىنى ئالالمايۋاتقانلىقى ھەققىدە توختالدى.

مەسۇد دانىشمەند: «خىتاي ئىرانغا تەخمىنەن 45 مىليارد دوللار قەرز قايتۇرۇشى كېرەك، ئەمما تېخىچە قايتۇرمىدى، ھىندىستان بىلەنمۇ ئوخشاش مەسىلىمىز بار» دېدى.

مەسۇد دانىشمەند جەنۇبىيي كورېيەنىڭمۇ ئامېرىكا ئېمباگولىرىنى باھانە قىلىپ 7 مىليارد دوللارلىق قەرزىنى تۆلەشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: « ئامېرىكا ئىراقنىڭ تۆلىشى كېرەكلىك 8 مىليارد دوللار قەرزدىن ئاران 2 مىليارد 700 مىليون دوللارنى تۆلىشىگە رۇخسەت قىلدى. بۇ پۇلمۇ ئالدى بىلەن ئومانغا بارىدۇ، ئۇ يەردە يەنە ئامېرىكانىڭ رۇخسىتى بىلەن بەزى مەھسۇلاتلار سۈپىتىدە ئىرانغا يەتكۈزۈلىدۇ» دېدى.

مەسۇد دانىشمەند تېھران ھۆكۈمىتىنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پىرىنسىپال قارارلارنى چىقىرىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «ئىراننىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئامېرىكانىڭ ئېمبارگولىرىنى بىكار قىلىدىغان نېگىزلىك پىكىرگە ئېھتىياجلىق. پۇل يۆتكەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىچىدىكى پۇل-مۇئامىلە ھەرىكەت گۇرۇپپىسى (FATF) غا ئەزا بولۇش مەسىلىسى ۋە <swap> ئالماشتۇرۇش مەسىلىسى ھەل قىلىنىشى كېرەك» دېدى.

ئامېرىكا 2018-يىلى سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىشىدىن كېيىن، ئىرانغا قاراتقان ئىقتىسادىي ئېمبارگولارنى ئاشۇرغان ۋە نېفىت سېتىشنى چەكلىگەن ئىدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىرانغا يۈرگۈزگەن ئېمبارگولارغا سەۋەب سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان يەنە بىر مەسىلە، پۇل يۇيۇش ۋە تېررورلۇققا مەبلەغ سېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۇل-مۇئامىلە ھەرىكەت گۇرۇپپىسى «FATF» نىڭ ئەزاسى بولمىغانلىقى ئىدى.

ئىراندىكى دىندارلار دۆلەتنىڭ «سەزگۈر مالىيە ئۇچۇرلىرى دۈشمەنلەرگە ئېچىۋېتىلگەن بولىدۇ ۋە ئىنقىلابچى كۈچلەرگە ياردەم بېرىشنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ» دېگەن قاراش بىلەن پۇل-مۇئامىلە ھەرىكەت گۇرۇپپىسى «FATF» غا ئەزا بولۇشقا قارشى تۇرۇپ كەلمەكتە.


خەتكۈچ: #خىتاي , #ئىران

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر