رۇسىيەنىڭ داڭلىق ھەربىي مۇتەخەسسىسى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى

رۇسىيەنىڭ داڭلىق ھەربىي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىرى، ئاتالمىش دونېتسىكى خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق «مۇداپىئە مىنىستىرى» ئىگور گىركىن نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

2014703
رۇسىيەنىڭ داڭلىق ھەربىي مۇتەخەسسىسى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىگور گىركىننىڭ رەپىقىسى گىركىننىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ گىركىننى بۈگۈن ئەتىگەن موسكۋادىكى ئۆيىدىن نازارەت ئاستىغا ئېلىپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئاممىنى ئاشقۇنلۇققا چاقىرىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان گىركىن بەش يىللىققىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

«سترېلكوۋ» دېگەن تەخەللۇس بىلەنمۇ تونۇلغان گىركىننىڭ رۇسىيە ياللانما ئەسكەرلەر شىركىتى ۋاگنېرنىڭ بىر سابىق خىزمەتچىسىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن قولغا ئېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر