گۇتېررېس ئىسلامغا قارشى قىلمىشلارنى ئەيىبلىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس چىدىماسلىق، زوراۋانلىق ۋە ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەپ، ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

2014295
گۇتېررېس ئىسلامغا قارشى قىلمىشلارنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت بايانات ئىشخانىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، گۇتېررېسنىڭ نيۇيوركتىكى ب د ت بىناسىدا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش ئەلچىلەر گۇرۇپپىسى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، گۇتېررېسنىڭ ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ «كەمسىتىش، دۈشمەنلىك ۋە زوراۋانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان دىنغا قارشى ئۆچمەنلىككە قارشى تۇرۇش» قارارىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكى قەيت قىلىندى.

گۇتېررېسنىڭ مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكى تەكىتلىگەن باياناتتا: «باش كاتىپ جىددىيلىكنى كۈچەيتىدىغان، كەمسىتىش ۋە رادىكاللىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان چىدىماسلىق، زوراۋانلىق ۋە ئىسلام دۈشمەنلىكىنى ئەيىبلەيدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر