سەئۇدى ئەرەبىستان مىنىستىرلار كېڭىشى تۈركىيە بىلەن ئىمزالانغان كېلىشىملەرگە يۇقىرى باھا بەردى

سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان جىددەدىكى سالام سارىيىدا چاقىرىلغان مىنىستىرلار كېڭىشىگە رىياسەتچىلىك قىلغان.

2013143
سەئۇدى ئەرەبىستان مىنىستىرلار كېڭىشى تۈركىيە بىلەن ئىمزالانغان كېلىشىملەرگە يۇقىرى باھا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:يىغىننىڭ بېشىدا، تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان مىنىستىرلار كېڭىشىگە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئۆتكۈزگەن رەسمىي ئۇچرىشىشنىڭ نەتىجىسى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

مىنىستىرلار كېڭىشىدە، «مەزكۇر ئۇچرىشىشلار نەتىجىسىدە سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدا ھەر قايسى ساھەلەردە بىر قاتار كېلىشىملەرنىڭ ئىمزالانغانلىقىغا شاھىت بولدۇق» دېيىلگەن.

يىغىندا سەئۇدى ئەرەبىستان-تۈركىيە مەبلەغ سېلىش مۇنبىرىدە ھەر قايسى ساھەدىكى 9 پىكىر بىرلىكى كېلىشىمىنىڭ تۈزلگەنلىكى مەدھىيەلىك سۆزلەر بىلەن چۈشەندۈرۈلگەن.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقى ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىش، مۇداپىئە سانائىتى، ئېنېرگىيە، مۇداپىئە ۋە ئۇچۇر - ئالاقە قاتارلىق ساھەلەردە كېلىشىم ئىمزالانغان ئىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شاھزادە خالىد بىن سەلمان ئىككى دۆلەت مۇداپىئە ھەمكارلىقىغا قارىتا بىر ئىجرائىيە پىلانىدىن باشقا يەنە، تۈركىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنى سېتىۋېلىش توغرىسىدىمۇ ئىككى توختام ئىمزالىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر