ئامېرىكانىڭ پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىدىكى كەلكۈندە 3 كىشى قازا قىلىپ،  4 كىشى يوقاپ كەتتى

ئامېرىكانىڭ پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىدا قاتتىق يامغۇر سەۋەب بولغان كەلكۈندە 3 كىشى قازا قىلىپ،  9 ئايلىق بوۋاقنى قوشقاندا جەمئىي 4 كىشى يوقاپ كەتتى.

2012140
ئامېرىكانىڭ پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىدىكى كەلكۈندە 3 كىشى قازا قىلىپ،  4 كىشى يوقاپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى:  ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىدا قاتتىق يامغۇر كەلكۈن ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ئاپتوموبىللارنىمۇ ئېقىتىپ كەتكەن كەلكۈندە 3 كىشى قازا قىلىپ، 9 ئايلىق بوۋاقنى قوشقاندا جەمئىي 4 كىشى يوقاپ كەتكەن.

ساقچىلار ئاممىنى ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان رايوندىن يىراق تۇرۇشقا چاقىردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، نيۇيوركتىمۇ قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن نەچچە يۈزلىگەن نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكى ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىندى.

دۆلەتلىك ھاۋارايى ئىدارىسى (NWS) كوننېكتىكات، غەربىي ماسساچۇسېتس، ۋېرمونت ۋە يېڭى ھامپىشىر ئىشتاتلىرى ئۈچۈن كەلكۈن ئاگاھلاندۇرۇشى شۇنداقلا ماسساچۇسېتس ۋە يېڭى ھامپىشىر چېگراسىدا بولسا، قۇيۇن ئاپىتى ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر