ئامېرىكادىكى قوراللىق ھۇجۇمدا تۆت كىشى قازا قىلدى

ئامېرىكانىڭ گېئورگىيا ئىشتاتىدا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، تۆت كىشى قازا قىلدى.

2011888
ئامېرىكادىكى قوراللىق ھۇجۇمدا تۆت كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: رايونلۇق ھۆكۈمەت باياناتچىسى مېلىسسا روبىنسون ئاخباراتقا بەرگەن باياناتىدا، ھۇجۇمدا 4 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ۋە جىنايەت گۇماندارىنىڭ تېخىچە تېپىلمىغانلىقىنى ئېيتتى.

گېئورگىيا ئىشتاتىنىڭ ھېنرى رايونى ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ساقچىلارنىڭ پايتەخت ئاتلانتانىڭ جەنۇبىدىكى خامپتون شەھىرىدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمنى تەكشۈرۈشنى باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر