رېزنىكوۋ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇكرائىناغا بېرىدىغان يېڭى ياردەم پىلانلىرىنى ئېلان قىلدى

ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئولېكسىي رېزنىكوۋ دۆلىتىنىڭ خەلقئارالىق شېرىكلىرىدىن 1 مىليارد 500 مىليون ياۋرودىن ئارتۇق ھەربىي ياردەمگە ئېرىشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

2011167
رېزنىكوۋ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇكرائىناغا بېرىدىغان يېڭى ياردەم پىلانلىرىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رېزنىكوۋ ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتونىڭ ۋىلنىيۇستا چاقىرىلغان باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا ئۇكرائىناغا بېرىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان ياردەم پىلانلىرى توغرىسىدا توختالدى.

ئۇ ناتو باشلىقلار يىغىنىنىڭ ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «ئۇكرائىنا خەلقئارالىق شېرىكلىرىدىن 1 مىليارد 500 مىليون ياۋرودىن ئارتۇق ھەربىي ياردەمگە ئېرىشىدۇ» دېدى.

رېزنىكوۋ: «گېرمانىيەنىڭ 700 مىليون ياۋرولىق يېڭى ياردەم پىلانىنىڭ 25 دانە <يىلپىز 1A5> تىپلىق تانكا، 40 دانە <ماردېر 1A3 IFV> تىپىلق جەڭ ئاپتوموبىلى، ئىككى دانە <ۋەتەنپەرۋەر> ناملىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى، بەش دانە بېرگېپانزېر <2 SAM>، 20 مىڭ دانە 155 مىللىمېتىرلىق زەمبىرەك ئوقى، 5 مىڭ دانە تۇمان ئوقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېدى.

ئۇ ئاۋسترالىيەنىڭ يېڭى مۇداپىئە ياردەم پىلانىنىڭ 30 دانە «بۇشماستېر» ناملىق برونېۋىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى، نورۋېگىيەنىڭ 1000 دانە «بلاك خورنېت» ماركىلىق مىكرو ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى، ئىككى قوشۇمچە ئوت كۈچى كونترول مەركىزى، ئىككى قويۇپ بېرىش سۇپىسى ۋە زاپاس زاپچاسلار قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

رېزنىكوۋ نورۋېگىيەنىڭ ئۇكرائىناغا بېرىدىغان ھەربىي ياردەم خامچوتىنىڭ 240 مىليون دوللاردىن 930 مىليون دوللارغا ئۆستۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنىمۇ ئورتاقلاشتى.

ئەنگلىيەنىڭ ئۇكرائىناغا 70 تىن ئارتۇق ئۇرۇش ماشىنىسى، نەچچە مىڭ دانە تانكا ئوقى، ئۈسكۈنىلەرنى رېمونت قىلىش ئۈچۈن 64 مىليون 700 مىڭ دوللارلىق ھەربىي ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن رېزنىكوۋ، فىرانسىيەنىڭ «SCALP» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھەمدە مىنا تازىلاش ئىشلىرىغا قوشۇمچە قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى ئاجرىتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۇ گوللاندىيە بىلەن ئاۋغۇستتا ئۇچقۇچىلارنى مەشىق قىلدۇرۇشنى باشلاش توغرىسىدا كېلىشىم تۈزۈلگەنلىكىنى، بۇ دۆلەتنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى ۋە زەمبىرەكچى قىسىملارنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىنىستىر رېزنىكوۋ كانادانىڭ ئۇكرائىنانى قوللاش ۋە ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىش ئۈچۈن 410 مىليون دوللار يېڭى مەبلەغ ۋە تۈرلەرگە ۋەدە بەرگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.

ئۇكرائىنا ئارمىيەسى تاۋرىيا قىسىملىرى قوماندانى ئالېكساندىر تارناۋىسكىيمۇ CNN نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئامېرىكانىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان ئۇكرائىنانى شار بومبىسى بىلەن تەمىنلەش قارارى توغرىسىدا توختىلىپ: «ئۇلارنى (شار بومبىلىرىنى) بىز يېڭى تاپشۇرۇپ ئالغان بولغاچقا، تېخى ئىشلىتىپ باقمىدۇق، ئەمما ئۇلار (جەڭ مەيدانىنى) تۈپتىن ئۆزگەرتىشى مۇمكىن» دېدى.

تارناۋىسكىي شار بومبىلىرىنى قەيەرلەرگە ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقىغا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ قارار قىلىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر