مېچوتاكىس: ئەردوغان بىلەن تۈركىيە - گىرېتسىيە مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا سۆزلەشتۇق

مىچوتاكس لىتۋانىيە پايتەختى ۋىلنيۇستا ئۆتكۈزۈلگەن ناتو باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، گىرېتسىيە مۇخبىرلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

2010670
مېچوتاكىس: ئەردوغان بىلەن تۈركىيە - گىرېتسىيە مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا سۆزلەشتۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرياكوس مىچوتاكس شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم نەتىجىسىنىڭ، ھەر ئىككى رەھبەرنىڭ قايتىدىن يېقىنلىشىشقا ئىجابىي قارايدىغانلىقىنى نامايان قىلغانلىقى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ ئەردوغان بىلەن ناتو باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا ئەمەلگە ئاشۇرغان ئايرىم ئۇچرىشىشنىڭ ياخشى كەيپىياتتا ئۆتكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «بۈگۈن (12- ئىيۇل) كى ئۇچرىشىشىمىز ھەم مېنىڭ ھەمدە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ تۈركىيە- گىرېتسىيە مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇددىئامىزنى ۋە ئالدىمىزدىكى ئايلاردا قانداق ھەرىكەت ھەرىكەت قىلىپ، قانداق يول خەرىتىسىنى بويلاپ ماڭىدىغانلىقىمىزنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىپ بەردى» دېدى.

مىچوتاكس ئەردوغان بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك ھەمكارلىق كېڭىشى دائىرىسىدە سەلانىكتا قايتا كۆرۈشۈشنى قارار قىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ ھەرگىزمۇ بىز بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ سېھىرلىك ھالەتتە بىردىنلا ھەل قىلىنغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئەمما مەن ھەر ئىككى رەھبەرنىڭ مۇناسىۋەتلەرنى قايتىدىن يېقىنلاشتۇرۇشقا ئىجابىي قارايدىغانلىقىنى نامايان قىلغانلىقىغا ئىشىنىمەن. مېنىڭچە بۇ، بۈگۈنكى ئۇچرىشىشنىڭ ئەڭ مۇھىم نەتىجىسى» دېدى.

مىچوتاكس تۈركىيە بىلەن گرېتسىيەنىڭ تېخىمۇ ياخشى ھەمكارلىق مۇددىئاسىنىڭ سىياسىي سۆھبەت، ئىشەنچنى ئاشۇرۇش تەدبىرلىرى ۋە ئىجابىي قارالمىدىن ئىبارەت ئۈچ ئاساسلىق نۇقتىسى بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان سىياسىي سۆھبەت رامكىسى ئىچىدە مۇھىم سىياسىي جۇغراپىيەلىك مەسىلىلەر ۋە دېڭىز تەۋەلىكى باشقۇرۇش رايونلىرى ھەمدە ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ ئىجابىي قارالما (كۈنتەرتىپ) دائىرىسىدە، ئىقتىساد، ئېنېرگىيە ۋە پۇقرالارنى قوغداش قاتارلىق ئوخشىمىغان ساھەلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مىچوتاكس تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىدە مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، تۈركىيە- گىرېتسىيە مۇناسىۋىتىدىكى يېقىنلىشىشىنىڭ، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا يېقىنلىشىشىغىمۇ ياردەمچى بولىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر