ئىران رۇسىيەگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، باش ئەلچىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىردى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى رۇسىيەنىڭ باش ئەلچىسى ئالېكسېي يۇرىيېۋىچ دېدوۋنى مىنىستىرلىققا چاقىرتىپ، تېھراننىڭ نارازىلىقى يەتكۈزدى.

2010520
ئىران رۇسىيەگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، باش ئەلچىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران رۇسىيە - پارىس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشىدىن كېيىن، ئىراننىڭ كونتروللۇقىدىكى ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭمۇ ئىگىلىك ھقۇقى بارلىقى ئىلگرى سۈرۈلگەن باسرا قولتۇقىدىكى ئۈچ ئارال ھەققىدە ئېلان قىلىنغان ئورتاق باياننامىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، رۇسىيەنىڭ تېھراندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىردى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىغا ئاساسلانغاندا، مىنىستىرلىققا چاقىرتىلغان رۇسىيە باش ئەلچىسى ئالېكسېي يۇرىيېۋىچ دېدوۋغا تېھراننىڭ نارازىلىقى يەتكۈزۈلگەن.

مەزكۇر ئاراللارنىڭ «مەڭگۈ» ئىرانغا تەۋە  ئىكەنلىكى ۋە رۇسىيەنىڭ بۇ ھەقىتىكى پوزىتسىيەسىنى تۈزىتىشى كۈتۈلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

رۇسىيەنىڭ تېھراندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دېدوۋ ئىراننىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، ۋەزىيەتنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە موسكۋاغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

موسكۋادا 10-ئىيۇلدا رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن «رۇسىيە-پارىس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى 6-نۆۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك دىئالوگ يىغىنى» دىن كېيىن ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە باياناتتا، «ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ بۈيۈك تۇنب، كىچىك تۇنب ۋە ئەبۇ مۇسا ئارىللىرى ھەققىدە ئىران بىلەن بولغان توقۇنۇشىنى خەلقئارا قانۇن دائىرىسىدە ۋە ئىككى تەرەپلىك سۆھبەت رامكىسى ئىچىدە تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا تىرىشىش قاتارلىق بارلىق تىنچلىقپەرۋەر تەشەببۇسلارنى  قوللايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن ئىدى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ناسىر كەنانى تۈنۈگۈن بۇ باياناتقا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.  


خەتكۈچ: #رۇسىيە , #ئىران

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر