خىتاي خاككېرلار گۇرۇپپىسى نۇرغۇن دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئېلىخەتلىرىنى قولغا چۈشۈردى

مەركىزى ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق تېخنىكا شىركىتى «مىكروسوفت» خىتاي خاككېرلار گۇرۇپپىسىنىڭ غەربىي ياۋروپادىكى بىر قىسىم دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئېلىخەتلىرىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

2010522
خىتاي خاككېرلار گۇرۇپپىسى نۇرغۇن دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئېلىخەتلىرىنى قولغا چۈشۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىكروسوفتنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، «Storm-0558» ناملىق خىتاي خاككېرلار گۇرۇپپىسى، غەربىي ياۋروپادىكى خەلقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تەخمىنەن 25 ئورگان ۋە شەخسنىڭ ئېلىخەت ساندۇقىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان.

ئابونتلار نورمال بولمىغان ئېلىخەت ھەرىكەتلىرىنى مىكروسوفتقا مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، بۇ خىتاي خاككېرلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئېلىخەت ئادرېسلىرىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنىڭ بىر ئاي بويىچە بايقالمىغانلىقى ئاشكارىلانغان.

مىكروسوفتنىڭ بىخەتەرلىككە مەسئۇل مۇئاۋىن باش دىرېكتورى چارلى بېل، خىتاي خاككېرلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئۇچۇر توپلاش ئۈچۈن ئېلىخەت سىستېمىلىرىغا ئېرىشىپ جاسۇسلۇق پائالىيىتىگە مەركەزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، مىكروسوفتنىڭ «Storm-0558» ناملىق خىتاي خاككېرلار گۇرۇپپىسىنىڭ پائالىيەتلىرىنى يېقىندىن نازارەت قىلىدىغانلىقى ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھۇجۇملارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تەتقىقاتلار ئېلىپ بارىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر