ب د ت ئىسرائىلىيەنىڭ جېنىن شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 48 سائەت داۋاملاشقان ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق ھۇجۇمىنىڭ جېنىن مۇساپىرلار لاگېرىدىكى 460 ئۆينىڭ ۋەيران بولۇشى ۋە 40 ئائىلىنىڭ ئۆي- ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

2009812
ب د ت ئىسرائىلىيەنىڭ جېنىن شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باياناتچىسى ئىستېفان دۇجاررىك كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ ھەقتە توختىلىپ، ب د ت نىڭ پەلەستىندىكى ئىنسانپەرۋەرلىك خىزمەتلىرىنى ماسلاشتۇرغۇچىسى لىن خاستىڭ بىلەن بىر قىسىم ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ ھەپتە ئاخىرىدا جېنىن مۇساپىرلار لاگېرىنى زىيارەت قىلىپ، زىياننى ئېنىقلاپ چىقىشقا تىرىشقانلىقىنى ئېيتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 460 ئۆي زىيانغا ئۇچرىدى، 70 ئۆي ۋەيران بولدى ياكى ئولتۇرغىلى بولمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى. 40 ئائىلە ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلدى. لاگېردا سۇ يوق» دېدى.

ب د ت گۇرۇپپىلىرىنىڭ بەزى كىشىلەرنى جىددىي ئەھۋال ياردىمى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى تىلغا ئالغان دۇجارىك، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇلارغا داۋالاش ياردىمى ۋە پىسخىكا جەھەتتىن ياردەم بېرىلگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئالدىنقى ھەپتە جېنىن مۇساپىرلار لاگېرىغا 48 سائەت بويىچە قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋادىن قورشاپ ھۇجۇم قىلىپ، تۆت نەپىرى كىچىك بالا بولۇپ، جەمئىي 12 پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر