سۈرىيەدە، رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئامېرىكا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىغا تاجاۋۇز قىلدى
سۈرىيەدە، رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئامېرىكا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىغا بۇ ھەپتە ئۈچىنچى قېتىم تاجاۋۇز قىلغانلىقى ئېلان قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ھاۋا ئارمىيەسى 9-قوماندانى لېيتېنانت گېنېرال ئالېكس گرېنكېۋىچ يازما باياناتىدا، رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ بۇ ھەپتە ئۈچىنچى قېتىم سۈرىيەدە ئامېرىكاغا تەۋە MQ-9 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىغا پاراكەندىچىلىك سالغانلىقىنى بىلدۈردى.
گرېنكېۋىچ: «رۇسىيە ئايروپىلانى كەسپىيلىككە قەتئىي ماسلاشمايدىغان بىر شەكىلدە ئامېرىكاغا تەۋە MQ-9s ئۇچقۇچىسىز ئايرپىلانلىرىنىڭ بىخەتەر بولمىغان ئەھۋالدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىنكاس قايتۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان دەرىجىدە 18 قېتىم يېقىندىن ئۇچتى» دېدى.
ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابى 5 - ئىيۇلدا رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ سۈرىيەدىكى ئامېرىكا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىغا قارىتا «خەتەرلىك» ۋە «كەسپىي بولغان» ھەرىكەتلەرنى قىلغانلىقىغا دائىر كۆرۈنۈشلەرنى ئېلان قىلغان ئىدى.