رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان 233 مىڭدىن ئارتۇق رۇسىيە ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلدى

ئۇكرائىنا ھەربىي ئەمەلدارلىرى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان 233 مىڭدىن ئارتۇق رۇسىيە ئەسكىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

2008750
رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان 233 مىڭدىن ئارتۇق رۇسىيە ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىستابىنىڭ باياناتىدا، بۈگۈن ئۇرۇش باشلانغانلىقىنىڭ 500-كۈنى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، «بۇ قېيىن بىر 500 كۈن بولدى، ئەمما ئۇ بىزنىڭ ئەركىنلىكىمىز ۋە بىرلىكىمىز ئۈچۈن قىلغان ئەبەدىي كۈرىشىمىزنىڭ سىمۋولى بولدى» دېيىلدى.  

باياناتتا يەنە: «(ئۇرۇش باشلانغان2022-يىلى 24- فېۋرالدىن بۇيان) 233 مىڭدىن ئارتۇق جىنايەتچى ئۆلتۈرۈلدى. رۇسىيەگە تەۋە 4000 دىن ئارتۇق تانكا، تەخمىنەن 8000 برونېۋىك، 4 مىڭ 346 زەمبىرەك سىستېمىسى، 315 ئايروپىلان، 309 تىك ئۇچار، 410 دۈشمەن ھاۋا مۇداپىئە سىتېمىسى ھەمدە يەنە، 3 مىڭ 666 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، 1271 چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا، 6 مىڭ 914 ئاپتوموبىل، 619 ئالاھىدە ئاپتوموبىل ۋە 18 پاراخوت پاچاقلاپ تاشلاندى» دېيىلدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بولسا، ئۇكرائىنائىنانىڭ ئۆلتۈرگەن رۇسىيە ئەسكەرلىرىگە تەۋە سانلىق مەلۇماتلىرىنى رەت قىلىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر