ئەن لېندى تۈركىيەنىڭ ئەيىبلەشلىرىنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى

شىۋېتسىيەنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەن لىندې تۈركىيەنىڭ ئېغىر شەكىلدە تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا ئۇچرىغانلىقىنى، شىۋېتسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا دۆلەتلەرنىڭ بۇ ئەھۋالغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2008462
ئەن لېندى تۈركىيەنىڭ ئەيىبلەشلىرىنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى — SVT نىڭ شىۋېتسىيەنىڭ «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتوغا ئەزالىق ئىلتىماسى سۇنۇشى» مەسىلىسىنى تېمغا قىلغان «Processen» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدە كۆز قاراشلىرىغا ئورۇن بېرىلگەن ئەن لىندې، تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق توغرىسىدىكى سۆزلىرىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى.

لىندې «مەن تۈركىيە ئېغىر تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا ئۇچرىدى ۋە بىز قاتارلىق باشقا دۆلەتلەرنى بۇنىڭغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلمىدى، دەپ قارايمەن» دېدى.

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ نىڭ شىۋېتسىيەدە مالىيە مەنبەلىرىنىڭ بارلىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتكەن لىندې: «مالىيە مەنبەلىرى مەسىلىسىدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەنقىد قىلىش ھوقۇقى بار. بۇ ئەردوغاننى شىۋېتسىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك تەھدىتىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلمىغانلىقىنى تەنقىدلەش سالاھىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەن لىندې 2019- يىلى 9- ئاينىڭ 10- كۈنىدىن 2022- يىلى 10- ئاينىڭ 17- كۈنىگىچە سوتسىيال دېموكراتىك ھۆكۈمەتتە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن. شىۋېتسىيە 2022- يىلى 5- ئاينىڭ 18- كۈنى لىندېنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەزگىلىدە ناتوغا ئەزا بولۇشنى ئىلتىماس قىلغانىدى.

تۈركىيە تېررورچىلارنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن، شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىنى رەت قىلىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر