رۇسىيە: ئۇكرائىنادىكى چەت ئەل بىرونېۋىكلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان جايلارنى بومباردىمان قىلدۇق

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۇكرائىنانىڭ چەت ئەلدە ياسالغان برونېۋىك ماشىنىلار ساقلانغان جايلارنىڭ يۇقىرى سەزگۈرلۈككە ئىگە قوراللار بىلەن بومباردىمان قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

2008301
رۇسىيە: ئۇكرائىنادىكى چەت ئەل بىرونېۋىكلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان جايلارنى بومباردىمان قىلدۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئىگور كوناشېنكوۋ پايتەخت موسكۋادا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختالدى.

رۇسىيە ھەربىي قىسىملىرىنىڭ ئۇكرائىنادىكى ھۇجۇملىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن كوناشېنكوۋ: «رۇسىيە قوراللىق قىسىملىرى (بۈگۈن) كېچە ئۇكرائىنا قوراللىق قىسىملىرى ئەسكەرلىرى ۋە چەت ئەللىك ياللانما ئەسكەرلەر تۇرۇۋاتقان مەركەزلەرگە،  چەت ئەلدە ياسالغان برونېۋىك ماشىنىلار ساقلانغان جايلارغا دېڭىزدىن يىراق مۇساپىلىك يۇقىرى سەرگۈزلۈككە ئىگە قوراللار بىلەن شىددەتلىك ھۇجۇم قىلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

كوناشېنكوۋ ھۇجۇمدا ئالدىن بېكىتىلگەن بارلىق جايلارغا زەربە بېرىلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ يەنە ئۇكرائىنانىڭ ئىستراتېگىيەلىك كۈچلىرىنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «ھازىرغىچە 451 ئايروپىلان، 241 تىك ئۇچار، 4908 دانە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى، 426 ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى، 10 مىڭ 547 تانكا ۋە بىرونېۋىك، 1135 دانە كۆپ سىتىۋوللۇق راكېتامىيوت قويۇپ بېرىش ماشىنىسى، 5356 دانە زەمبىرەك ۋە مىنامىيۇت بىلەن 11 مىڭ 486 ئالاھىدە ھەربىي ئاپتوموبىل يوقىتىپ تاشلاندى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر