ئانتونىيو گۇتېررېس ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇملىرىدىن «چوڭقۇر ئەندىشە» قىلغانلىقىنى بىلدۈردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس جەنىندىكى ئۆزگىرىشلەردىن «چوڭقۇر ئەندىشە» قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

2006563
ئانتونىيو گۇتېررېس ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇملىرىدىن «چوڭقۇر ئەندىشە» قىلغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىبات ئىشخانىسىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، گۇتېررېسنىڭ ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ جەنىنغا قىلغان ھۇجۇمى ئۈستىدە توختىلىپ، «بارلىق ھەربىي ھەرىكەتلەر چوقۇم خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنى بويىچە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك » دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاققا جايلاشقان جەننىن شەھىرىگە ئىسرائىلىيە قىسىملىرى ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇمى ۋە بېسىپ كېرىپ تەكشۈرۈشلەردە سەككىز پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.

 ئەل-بىرە شەھىرىدىمۇ ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بىر پەلەستىنلىكنى  بېشىغا ئوق ئېتىش ئارقىلىق ئۆلتۈرگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر