ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى پەۋقۇلئاددە يىغىن چاقىردى
ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى شىۋېتسىيەدە قۇرئانغا قىلىنغان ھۇجۇم سەۋەبىدىن پەۋقۇلئاددە يىغىن چاقىردى.
2006028
![ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى پەۋقۇلئاددە يىغىن چاقىردى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/ad3f/9279/6b61/64a183cc3a6f0.jpg?time=1718838585)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تەلىپىگە بىنائەن جىددەدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا، تۈركىيە قاتارلىق ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا 57 دۆلەت قاتناشتى.
يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، قۇرئانغا قىلىنغان يىرگىنىشلىك ھۇجۇمنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىش كېرەكلىكى تەكىتلەندى.
باياناتتا، دىنىي نەپرەتنى توختىتىش ئۈچۈن خەلقئارا قانۇننى ئىجرا قىلىش تەلەپ قىلىندى.
يىغىندا، قۇرئانغا ھۆرمەتسىزلىككە قارشى يولغا قويۇلىدىغان تەدبىرلەر مۇزاكىرە قىلىندى.