ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورېيە بىرلەشمە ھاۋا مانېۋىرى ئۆتكۈزدى
جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى كورېيە يېرىم ئارىلىدا بىرلەشمە ھاۋا مانېۋىرى ئۆتكۈزدى.
2005658
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يونخاپ خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ جەنۇبىي كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنى مەنبە قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى بىرلەشمە ھاۋا مانېۋىرىغا ئامېرىكانىڭ B-52 تىپلىق يىراق مۇساپىلىك ئىستراتېگىيەلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانىمۇ قاتناشقان.
مانېۋىردا، ئىككى دۆلەتنىڭ بىرلەشمە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئورتاق مۇداپىئە مەيدانىنى كۈچەيتىش ئىرادىسى نامايان قىلىنغان.