بايدىن بىلەن ترۇدو رۇسىيەدىكى ئۆزگىرىشلەرنى مۇزاكىرە قىلدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن كانادا باش مىنىستىرى ترۇدو بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، رۇسىيەدىكى ئۆزگىرىشلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

2004281
بايدىن بىلەن ترۇدو رۇسىيەدىكى ئۆزگىرىشلەرنى مۇزاكىرە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ كانادا باش منىستىرى جاستىن ترۇدو بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، رۇسىيەدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، ئىككى رەھبەر رۇسىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر، ئىتتىپاقداشلار ۋە شېرىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى كوردىناتسىيە مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغاندىن باشقا، ئۇكرائىنانى قوللاشنى داۋاملاشتۇرۇشنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىغان.

رۇسىيە ياللانما ئەسكەرلەر شىركىتى ۋاگنېرنىڭ قۇرغۇچىسى پرىگوجىن دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ ۋاگنېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئەيىبلەپ، بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقلىرى توغرىسىدا تەھدىت سالغان ئىدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ۋاگنېر جەڭچىلىرى ئۇكرائىنا زېمىنىدىن چېكىنىپ، چېگرادىكى روستوۋ رايونىغا بېسىپ كىرگەن ئىدى.

پرىگوجىن كېيىنچە ئالدىنقى سەپلەرگە قايتىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

رۇسىيە كرېمىل سارىيى باياناتچىسى دمىترىي پېسكوۋ پرىگوجىن ئۈستىدىن ئېچىلغان دەۋا دېلولىرىنىڭ يېپىلىدىغانلىقىنى، ئىسيانچىلارنىڭ باشلامچىلىرىنىڭ بېلارۇسىيەگە كېتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر