رۇسىيە 51 ئۇكرائىنا ئەسكىرىنىڭ جەسىتىنى كىيېۋغا تاپشۇرۇپ بەردى

ئۇكرائىنا ۋاقىتلىق ئىشغال قىلىۋېلىنغان رايونلارنى قايتىدىن ماسلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، 51 ئۇكرائىنا ئەسكىرىنىڭ جەسىتىنىڭ قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

2003825
رۇسىيە 51 ئۇكرائىنا ئەسكىرىنىڭ جەسىتىنى كىيېۋغا تاپشۇرۇپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا ۋاقىتلىق ئىشغال قىلىۋېلىنغان رايونلارنى قايتىدىن ماسلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇرۇشتا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئەسكەرلەرنىڭ جەسىتىنىڭ ئۇكرائىناغا ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا: «بۈگۈن 51 ئەسكەرنىڭ جەسىتى يۇرتقا قايتۇرۇپ كېلىندى. جەسەتلەر ئالاقىدار ئورگانلار ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ياردىمى سايىسىدا، ئۇكرائىنانىڭ ۋاقىتلىق ئىشغال قىلىۋېلىنغان زېمىنلىرىدىن ئەۋەتىلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئەسكەرلەرنىڭ جەسىتىنى قايتۇرۇش جەريانىنىڭ جەنۋە ئەھدىنامىسىنىڭ روھىغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر