پاكىستاندا شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن يەتتە كىشى قازا قىلدى

پاكىستاننىڭ خەيبەر پاختونخۋا ئۆلكىسىگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن يەتتە كىشى قازا قىلىپ، 72 كىشى يارىلاندى.

2002273
پاكىستاندا شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن يەتتە كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: پاكىستاندا چىقىدىغان «سەھەر گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، قاتتىق يامغۇر خەيبەر پاختونخۋا بىلەن تۇتىشىدىغان باننۇ ۋە پېشاۋۇر شەھىرىدە تۇرمۇشنى  پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان.

يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاپەت ۋە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە، باننۇدا بەش كىشى ۋە پېشاۋۇردا ئىككى كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 72 كىشى يارىلانغان.

كۈچلۈك شامال سەۋەبىدىن بەزى رايونلاردا ئۆيلەر زىيانغا ئۇچرىغان.

 شىددەتلىك يامغۇر كەلكۈن ئاپەتلرىىگىمۇ سەۋەب بولغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر