زاخاروۋا: تۈركىيە - سۈرىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نورماللىشىشى مۇقىملىق ئامىلى

رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا تۈركىيە - سۈرىيە مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇش سۆھبىتىنى، رايوندا مۇقىملىقنىڭ مۇھىم ئامىلى دەپ قارايدىغانلىقلىرىنى بايان قىلدى.

2000191
زاخاروۋا: تۈركىيە - سۈرىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نورماللىشىشى مۇقىملىق ئامىلى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا رىيا نوۋوستى ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ ئۇچرىشىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

زاخاروۋا ئۇچرىشىشنىڭ ۋاقتى بېكىتىلگەن چاغدا ئېلان قىلىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «بىز تۈركىيەلىك شېرىكلىرىمىز بىلەن ئالاقە قىلىشقا تەييارمىز، شۇنداقلا ھەر خىل مەسىلىلەردە ئالاقىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشقىمۇ تەييارمىز.»

ئىككى مىنىستىر ئوتتۇرىسىدا تۇنجى قېتىملىق تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن زاخاروۋا، كۈنتەرتىپ ماددىلىرىنىڭ مەلۇم قىسىملىرىنىڭ بېكىتىلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ بېكىتىلگەن كۈنتەرتىپ ماددىلىرىنىڭ قارادېڭىز ئاشلىق كېلىشىمىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى، تۈركىيەنىڭ يېقىن قوشنىلىرى سۈرىيە ۋە ئەرمېنىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نورماللىشىشى، ھەمدە رايوندىكى تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قاتارلىق مەسىلىلەر ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

زاخاروۋا ھەم ئىككى تەرەپلىك فورماتسىيەدە ھەمدە خەلقئارالىق فورماتسىيەدە ھەر ئىككى تەرەپ ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان تۈرلۈك تېمىلاردا دىيالوگ ئورنىتىش ۋە ئېنېرگىيە دىنامىكىلىرىنىڭ بېكىتىپ چىقىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ: «تۈركىيە – سۈرىيە مۇناسىۋەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تۈركىيە، سۈرىيە، ئىران ۋە رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا 4 تەرەپلىك فورماتسىيە شەكلىدە يىغىنلارنىڭ ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «رايوننىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن مۇھىم بولغان تۈركىيە-سۈرىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نورماللىشىشى جەھەتتە ياخشى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بىز تۈركىيە-سۈرىيە سۆھبىتىنى رايوندىكى مۇقىملىقنىڭ، شۇنداقلا سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىشنىڭ مۇھىم ئامىلى دەپ قارايمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر