خىتاي ئامېرىكانى ئاگاھلاندۇردى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1999569
خىتاي ئامېرىكانى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتىدە، ۋاشىنگتوننى رىقابەت نامى ئاستىدا خىتاينىڭ يادرولۇق مەنپەئەتلىرى ۋە بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزمەسلىك توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، چىن گاڭ خىتاي – ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى شار كىرىزىسى سەۋەبىدىن بىكار قىلغان بېيجىڭ زىيارىتىنى بۇ ھەپتە ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كۈتۈلۈۋاتقان بلىنكېن بىلەن، ئۇنىڭ تەلىپىگە بىنائەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن.

تېلېفون سۆھبىتىدە، چىن گاڭ بېيجىڭنىڭ خىتاي - ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئاساسلىق مەسىلىلەر توغرىسىدىكى مەيدانىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى تەكرارلىغان، ھەمدە  ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ «رىقابەت نامى ئاستىدا خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈشنى توختىتىشى كېرەكلىكى» نى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن خىتاي شارىنىڭ ئامېرىكا ھاۋا بوشلۇقىغا كىرىشى سەۋەبىدىن ئوتتۇرىغا چىققان كرىزىس نەتىجىسىدە 2-ئايدا خىتايغا قىلىدىغان زىيارىتىنى بىكار قىلغانىدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ بلىنكېن بىلەن چىن گاڭنىڭ كىرىزىس سەۋەبىدىن دىپلوماتىك ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم بىۋاسىتە تېلېفوندا كۆرۈشۈشى ھېسابلىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر