بلىنكېن بىلەن ستولتېنبېرگ ۋاشىنگتوندا قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ بىلەن كۆرۈشتى.

1999378
بلىنكېن بىلەن ستولتېنبېرگ ۋاشىنگتوندا قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر ئانتونى بلىنكېن ۋاشىنگتوندا رەسمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

بىلىنكېن ناتونىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۇقۇم رامكىسىغا ئاساسەن تۈزۈلگەن بىر قىسىم پىلانلارنىڭ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە باشلىقلار يىغىنىدا ئۇكرائىنانى قوللاش پىلانىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئالدىن مۆلچەرلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ تىنچ ئوكيان قىرغىقىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭمۇ ياخشىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «ئىتتىپاقداشلارنىڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش يولىدا — مېنىڭچىمۇ زۆرۈر بولغان — ناھايىتى مۇھىم مۇساپىنى تاماملىشىدىن كېيىن، شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا كىرىدىغان ۋاقتى كەلدى، دەپ ئويلايمەن» دېدى.

ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ ئامېرىكانىڭ ناتو ۋە ئۇكرائىنانى قوللىغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ياۋروپالىق ئىتتىپاقداشلارنىڭمۇ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئۇكرائىنانى نەچچە مىليارد دوللارلىق ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇكرائىناغا بېرىلگەن ياردەملەرنىڭ جەڭ مەيدانلىرىدا ئۆزگىرىش ياراتقانلىقىنى ۋە كىيېۋنىڭ ساھەدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان يېنس ستولتېنبېرگ: «ئۇكرائىنا زېمىنىنى قانچىلىك ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرسە، سۆھبەت ئۈستىلىدە قولى شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ. رۇسىيە پىرېزىدېنتى (ۋىلادىمىر) پۇتىن ئۆزىنىڭ بۇ توقۇنۇش ۋە تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلالمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ» دېدى.

ئۇ يەنە ئىتتىپاقداشلارنىڭ ئورتاق مۇداپىئە ئىشلىرىغا تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ ئاجرىتىشى كېرەكلىكىگە ئىشارەت قىلىپ: «بىز شىۋېتسىيەنىڭ پات پۇرسەتتە ناتوغا تولۇق ئەزا بولۇپ كىرىشىنى ئۈمىد قىلىۋاتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر